Posts

Showing posts from August, 2024

سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل دىئالېكتلىرى تەتقىقاتى توغرىسىدا

  سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل دىئالېكتلىرى تەتقىقاتى توغرىسىدا غوجائەخمەت سەئىدىۋەققاسوف رۇسچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئايتىللا ئابدۇرېھىم [غوجائەخمەت سەئىدىۋەققاسوف (1929.6.15 ـــــ 1991.11.15 )قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە خىزمەت كۆرسەتكەن پەن ئەربابى، مەشھۇر پېداگوگ، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تۇنجى قارارلىق مۇدىرى، ئالىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە يېزىلغان «ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى» ناملىق بىر يۈرۈش كىتاب 1983-يىلى ئۈرۈمچىدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا، 1988-يىلى خەنزۇ يېزىقىدا نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەر ئاپتورنىڭ 2000-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە نەشر قىلىنغان «غوجائەخمەت سەئىدىۋەققاسوف تاللانما ئەسەرلىرى» توپلىمىدىن ئېلىنغان بولۇپ، رۇس تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى.] ھەممىگە مەلۇمكى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جانلىق تىلىنىڭ تەتقىقاتى 19-ئەسىرنىڭ50-يىللىرىدىن كېيىن باشلانغان. ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ۋە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت پاكىت خاراكتېرلىك مات