Posts

ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى

  ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى ئاپتور: ۋەلى كەرىم كۆكئالپ،  نەچچە مىڭ يىلىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۇيغۇرلار سۇ، ئوت قوغلىشىپ ياشايدىغان كۆچمەنچىلىك ھاياتتىن ئولتۇراق دېھقانچىلىق ۋە شەھەر ھاياتىغا بارا-بارا كۆچتى (ئەمەلىيەتتە شىنجاڭ رايونىدا ياشايدىغان ئەجدادلىرىمىز بۇرۇنلا ئولتۇراق ھاياتقا كۆچكەن)، شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرا بەلۋېغىغا جايلىشىشتەك ئەۋزەللىكى بىلەن شەرق بىلەن غەربنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى. بۇ جەرياندا كۆپ خىل دىنغا ئېتىقاد قىلدى، بىرنەچچە قېتىم يېزىق ئالماشتۇردى، يېزىق ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىلرىغىچە داۋام قىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قاتلىمى كۆپ خىل، مۇرەككەپ ھالەت شەكىللەندى، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىمۇ ساپ ئۇيغۇرچە، ساددا قويۇلۇشتىن باشقا تىللاردا (بۇددا دىنى دەۋرىدە سانسىكرىتچە، سوغدىچە ئىسىملار ئارىلاش قويۇلغان. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن ئەرەبچە، پارسچە ئىسىملار كۆپ قويۇلغان) ئىسىم قويۇلۇشقىچە بولغان ئۇزۇن تارىخىي ج...

ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئېتنوگراپىيەسى

  ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئېتنوگراپىيەسى ئاپتور: ۋەلى كەرىم كۆكئالپ،  ئۇيغۇر ئىسىملىرىنىڭ ئىزاھلىق تېكىستىدە كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئېتنوگراپىيىلىك مەنىلىرى خېلى كۆپ ئېچىپ بېرىلدى. ئىسىملارنىڭ ئېتنوگراپىيىلىك مەنىسى مۇئەييەن ئىسىمنىڭ پەيدا بولۇشى، تاللىنىشى ۋە بوۋاققا قويۇلۇشىغا ئاساس، سەۋەب بولغان چۈشەنچىلەرنىڭ ئىپادىلىنىشىدىن ئىبارەتتۇر. ئېتنوگراپىيىلىك مەنە ئەسلىدە بىرەر ئىسىمنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن ئاساس بولغان ئېھتىياجنى بىلدۈرىدىغان سەۋەب − ۋەقە ۋە قائىدىلەر، ئەنئەنىلەر، كىشىلەرنىڭ ئىسىم ئارقىلىق ئىجرا قىلىدىغان ئىستەك ۋە ئارزۇلىرى، تىلەك ۋە خاھىشلىرى ھەققىدىكى ئېتنوگراپىيىلىك مەلۇماتلارنىڭ مەزمۇنىدىن ئىبارەتتۇر. ئىسىملارنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە قويۇلۇشى پەقەتلا مەنىۋىي ئېھتىياج بىلەنلا ئەمەس، بەلكى بىر قاتار ماددىي، ئەمەلىي تەدبىرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار بوۋاققا ئىسىم قويۇش ۋاقتىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرلاردا سېتىۋالدى، سېتىلدى دېگەندەك ئىسىملار بار. بۇ ئىسىملارنىڭ پەيدا بولۇشى بوۋاقنى «سېتىۋېلىش» ئەنئەنىسىنى ئادا قىلىش بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن. ...

ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ھەققىدە قىسقىچە بايان

  كىشى ئىسىملىرى - ئىجتىمائىي ئالاقە جەريانىدا كىشىلەر بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ۋاسىتە. ئىسىمنى قانداق قويۇش - تەرەققىي قى لىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە كىشىلەر جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان بىر مەسىلە. چۈنكى، پەرزەنتلەرگە ئۆزگىچە، چىرايلىق، مەنىلىك، مۇۋاپىق ئىسىم قويۇشمۇ بىر خىل مەدەنىيەت. كىشى ئىسىملىرىنىڭ توغرا ئاتىلىشى، تىل تەركىبى، قاتلاملىرى، ئۆزگىرىشلىرى، تارىخى، كېلىپ چىقىشى ۋە مەنىسىنى بىلىش، بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش بىر مىللەتنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، ئەخلاق، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە باشقا جەھەتتىكى ئەھۋاللىرىنى چۈشىنىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. كىشى ئىسىملىرىنىڭ ياخشى تاللىنىشى، توغرا ئاتىلىشى، خاسلىققا ئىگە بولۇشى ۋە ساپلىقى مەلۇم بىر مىللەت، مەلۇم بىر جاي ۋە مەلۇم بىر ئائىلىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ قانداقلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، ئۇ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. كىشى ئىسىملىرىمۇ روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. چۈنكى ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋرلەردە ياشىغان كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىدا شۇ ...