Posts

Showing posts from April, 2024

مۇقام تۆھپىكارى خالىق مەمەتنى ئەسلەيمىز

Image
  مۇقام تۆھپىكارى خالىق مەمەتنى ئەسلەيمىز | دولقۇن سەپەر جۇڭگو كىلاسسىك ئۇيغۇر 12 مۇقامى دۆلىتىمىزدىكى ئۇيغۇر خەلق تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى مۇزىكىلىق تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن زور ھەجىمدىكى قېلىپلاشقان، يۈرۈشلەشكەن مۇزىكىلىق نادىر ئەسەر. ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى سۇلالىلەر دەۋرىدىكى نەغمە-ناۋا ھەمدە قەدىمكى غەربىي يۇرت مۇزىكىلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بۇ نادىر ئەسەر ئاماننىساخان، قېدىرخان قاتارلىق مۇقام ئۇستازلىرى ياشىغان دەۋرگە كەلگەندە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا رەتلەندى، سىستېمىلاشتۇرۇلدى. 1949-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مۇقام ئۇستازى تۇرداخۇن ئاكا پارتىيەمىزنىڭ قوللىشى ۋە ياخشى مۇھىت يارىتپ بىرىشى بىلەن، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ مۇزىكا-ناخشىلىرىنى ئۆزىنىڭ ساقلاپ كەلگەنلىرى بويىچە ئۈنئالغۇغا بېرىپ، 12 مۇقامنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش يولىدا ئاجايىپ زور تۆھپە ياراتتى. تۇرداخۇن ئاكا 1956-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ خەلق ئارىسىغا چېچىلىپ كەتكەن بۆلەكلىرىنى تېپىش، يوقىلىپ كەتكەن بۆلەكلىرىنى قايتىدىن تولۇقلاش ۋە تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مەدەنىيەت خ