مۇقام تۆھپىكارى خالىق مەمەتنى ئەسلەيمىز

 

مۇقام تۆھپىكارى خالىق مەمەتنى ئەسلەيمىز | دولقۇن سەپەر


Image
Image
جۇڭگو كىلاسسىك ئۇيغۇر 12 مۇقامى دۆلىتىمىزدىكى ئۇيغۇر خەلق تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى مۇزىكىلىق تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن زور ھەجىمدىكى قېلىپلاشقان، يۈرۈشلەشكەن مۇزىكىلىق نادىر ئەسەر. ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى سۇلالىلەر دەۋرىدىكى نەغمە-ناۋا ھەمدە قەدىمكى غەربىي يۇرت مۇزىكىلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بۇ نادىر ئەسەر ئاماننىساخان، قېدىرخان قاتارلىق مۇقام ئۇستازلىرى ياشىغان دەۋرگە كەلگەندە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا رەتلەندى، سىستېمىلاشتۇرۇلدى. 1949-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مۇقام ئۇستازى تۇرداخۇن ئاكا پارتىيەمىزنىڭ قوللىشى ۋە ياخشى مۇھىت يارىتپ بىرىشى بىلەن، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ مۇزىكا-ناخشىلىرىنى ئۆزىنىڭ ساقلاپ كەلگەنلىرى بويىچە ئۈنئالغۇغا بېرىپ، 12 مۇقامنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش يولىدا ئاجايىپ زور تۆھپە ياراتتى.
Image
تۇرداخۇن ئاكا 1956-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ خەلق ئارىسىغا چېچىلىپ كەتكەن بۆلەكلىرىنى تېپىش، يوقىلىپ كەتكەن بۆلەكلىرىنى قايتىدىن تولۇقلاش ۋە تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بۇ بىباھا گۆھەرنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش ئۈچۈن، ھەر قايسى مىللەت تەتقىقاتچىلىرى ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ۋەن تۇڭشۇ ۋەكىللىكىدىكى مۇزىكىشۇناسلار، جۇڭگو مەركىزىي مۇزىكا شۆيۈەنى بىلەن مەركىزىي مىللەتلەر شۆيۈەنىدىكى پىروفېسسورلار، دۆلەتلىك مۇزىكا تەتقىقات ئورنىدىكى ئالىملار تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى يېزا-قىشلاقلاردا ئۇزاق مەزگىللىك تەكشۈرۈشلەردە بولدى، خەلقئارالىق مۇقام تەتقىقات يىغىنلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇدى. تۇرداخۇن ئاكا ئالەمدىن ئۆتۈپ ساق 50 يىل بولغاندا، يەنى 2005- يىلى 25- نويابىردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى جۇڭگو ھۆكۈمىتى يوللىغان «جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى»نى ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى «ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى» قاتارىغا كىرگۈزدى. مۇشۇ ئارقىلىق «مۇقام»نىڭ ئىنسانىيەت ئورتاق گەۋدىسىدىكى ئەنئەنىۋى مۇزىكا مەدەنىيىتىدە تۇتقان مۇھىم ئورنى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلەردە ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا كەڭ تارقالغان «12 مۇقام»؛ تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي ۋە شىمالىي گىرۋىكىدىكى يەكەن دەرياسىدىن تارىم دەرياسىغىچە بولغان ئىككى قىرغاقتا، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت، مارالبېشى ناھىيەسىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسىدە مەركەزلىك تارقالغان «دولان مۇقامى»؛ تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ تۇرپان شەھىرى، پىچان ۋە توقسۇن ناھىيەسىگە تارقالغان «تۇرپان مۇقامى» ۋە شىنجاڭنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىغا جايلاشقان قۇمۇل شەھىرى ۋە ئارا تۈرك ناھىيەسىگە تارقالغان «قۇمۇل مۇقامى»مۇ «جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى»نىڭ ۋەكىللىك، غوللۇق ئەسەرلىرىدىن بولۇپ قالدى.
Image
يىغىپ ئېيتقاندا، دۆلىتىمىزدىكى رەتلىنىشتىن بۇرۇن ۋە رەتلەنگەندىن كېيىن ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن «جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى»نىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىشى ئىنتايىن تەسكە توختىدى، جۈملىدىن جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ تەقدىرىمۇ شۇنداق بولدى. شۇنداقتىمۇ دۆلىتىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ 12 مۇقام ئۈستىدىكى ئىزدىنىشى بىكارغا كەتمىدى، ئۇلارنىڭ مۇشۇ يولدا تۆككەن قان-تەرلىرى، ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېچكىمنىڭمۇ ئېسىدىن چىقمىدى. بىز مۇشۇ ماقالىمىزدە تىلغا ئالماقچى بولغان خالىق مەمەت دەل ئاشۇلارنىڭ بىرى ئىدى.
Image
خالىق مەمەت 1948-يىلى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئاۋات يېزىسىدا سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن تاغىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن غۇلجىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ تىككۈچىلىك دۇكىنىدا ھۈنەر ئۆگەندى. شۇ جەرياندا غۇلجىدىكى توي-تۆكۈنلەردە، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا، مەشرەپلەردە يۈرۈپ، غۇلجىدىكى تەمبۇرچى، سازەندىلەرنىڭ ماھارىتىدىن قاتتىق تەسىرلەندى، ئۇلارغا ئەگەشتى، ئۇلارنى ئۇستاز تۇتتى، ئۇلاردىن يالغۇز تەمبۇر چېلىشنىلا ئەمەس، بەلكى سازەندىلەردە بولىدىغان ئەخلاق-پەزىلەت، دەۋرگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت، ئۇلاردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتلەردىنمۇ بىلىم ئالدى. بۇلار ئۇنىڭ كېينكى مەزگىلدىكى ئاتاقلىق مۇزىكانت بولۇپ چىقىشىغا، مۇزىكا ھەققىدە بولۇپمۇ ئۇيغۇر 12 مۇقامى ئۈستىدە بىر ئۆمۈر ئىزدىنىشىگە ئاساس سالدى. 1964-يىلى يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەكەن ناھىيەسىگە بېرىپ پېشقەدەم مۇقامچىلاردىن 12 مۇقامنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئۆگەندى. يەكەن ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق مۇقام يۇرتى ئىدى. بۇ يۇرت 12 مۇقامنىڭ پېشىنى تۇتۇپ ماڭالايدىغانلارنى كۆچەت ۋاقتىدىلا تاللايدىغان، كارغا يارىمايدىغانلىرىنى شۇ ھامان شاللايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بەيگە مەيدانى ئىدى. خالىق مەمەتنىڭ تېگى پىششىق، ئۇلى چىڭ بولغاچقا ئۇزاق ئۆتمەيلا يەكەندىكى مۇقامچىلار تەرىپىدىن «بالا مۇقامچى» دېگەن نامغا  ئېرىشتى. 1965-يىلى قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىشتىن سىرتقى سەنئەت كۆرىكىگە قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ ماھارىتى ۋە مۇقاملار ھەققىدىكى بىلىمىگە ئاساسەن ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىندى.
Image
خالىق مەمەت قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدە چاڭ چېلىشنى ۋە ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەندى، مەشىق قىلدى، ئورۇنلىدى. ئۆمەك رەھبەرلىكى ئۇنىڭ قىزغىنلىقى ۋە تالانتىنى كۆزدە تۇتۇپ، 1978-يىلى ئۇنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوپىرا ئۆمىكى قارىمىقىدىكى مۇقام ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىغا بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتتى. ئۇ بۇ يەردىمۇ ئەتراپىدىكى مۇزىكانتلاردىن، مۇقام ناخشىلىرىنى ئورۇنلىغۇچىلاردىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگەندى. «راك»، «ئوششاق»، «پەنجىگاھ»، «مۇشاۋىرەك»، «نەۋا» قاتارلىق مۇقاملارنى تولۇق ئىگىلەپ، 1981-يىلىنىڭ بېشىدا قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىگە قايتىپ كەلدى ۋە ئۆزىنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى ئۆمەك رەھبەرلىكىگە دوكلات قىلدى. ئۆمەك رەھبەرلىكى 12 مۇقامنى كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسدا ئويلىشىپ، ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى قارىمىقىدا مۇقام ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلدى ۋە گۇرۇپپىغا خالىق مەمەتنى مەسئۇل قىلىپ بېكىتتى.
Image
مەن ئۆزۈمنىڭ كېيىنكى چاغلاردا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام ئۆمىكىدە ئىشلىگەنلىكىمنى، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن مۇقام تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىمنى ئويلىساملا بۇ ئۇستازدىن ئىنتايىن سۆيۈنىمەن، مۇشۇنداق بىر ئۇستازىمنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن. خالىق مەمەت قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى قارىمىقىدىكى مۇقام ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىغا مەسئۇل بولغان شۇ كۈنلەردە، مەن شۇ گۇرۇپپا تەركىبىدە مۇقام ئۆگىنىشكە كىرگەنلەرنىڭ بىرسى ئىدىم. «بىر كۈن ئۇستاز بولغان ئادەمگە بىر ئۆمۈر ھۆرمەت» دەيدىغان گەپ بار. مەن مۇشۇ گۇرۇپپىدا «راك»، «ئوششاق»، «پەنجىگاھ»، «مۇشاۋىرەك» مۇقاملىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەندىم. يەنە شۇ گۇرۇپپىدىكى چېغىمدا مۇزىكىنىڭ ئاددىي يوسۇندىكى فىزىكىلىق ئاۋاز ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئۇنىڭ ئالدى بىلەن قايناق ھېسسىيات ئىكەنلىكىنى، مۇقام مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلىغاندا كامالچە بىلەن تاردىن ئاۋاز چىقارسىلا بولمايدىغانلىقىنى، بەلكى يۈرەكنىڭ قات-قېتىدىكى ئوتتەك كۆيۈپ تۇرىدىغان، دولقۇندەك مەۋج ئۇرۇپ تۇرىدىغان ھېس-تۇيغۇنى، سۆيگۈ-مۇھەببەتنى چالغۇنىڭ تارلىرىغا سىڭدۈرۈش كېرەكلىكىنى چۈشەندىم. مۇقام مەرغۇللىرىنى سوقما چالغۇدا قانداق چېلىش، قىللىق چالغۇدا قانداق چېلىشنىڭ يولىنى، كۈيلەردىكى پۇراقنى قانداق چىقىرىش لازىملىقىنى چوڭقۇر چۈشەندىم. ئورۇنلىغۇچىنىڭ، سازەندىنىڭ ۋۇجۇدىدا، ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا نازۇك، سىرلىق، تەسەۋۋۇرغا باي ھېس-تۇيغۇ، شۇ ئاھاڭغا بولغان بەدىئىي سېزىم بولماي تۇرۇپ، ئاڭلىغۇچىنى مەستخۇش قىلالايدىغان بەدىئىي پۇراقنى چىقارغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇنداق ئەھۋالدا مۇزىكىنىڭ ئىنتايىن بەتتام، قۇرغاق، ئاڭلىغۇچىدا ھارغىنلىق پەيدا قىلىدىغان زىرىكىشلىك ئاۋاز بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدىم. شۇنداق چاغلاردا ئۇستازنىڭ چېچىلىپ، ئاچچىقلاپ كېتىدىغانلىقى ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. ئۇ بۇ خىل ئەھۋالنى بايقىغان ھامان بىزنى تەكرار-تەكرار مەشىق قىلدۇراتتى. بەزىدە چالغۇنى ئۆزى چېلىپ، يا بولمىسا ناخشىلارنى ئۆزى ئېيتىپ، كۆڭلىدە قانائەت ھاسىل قىلمىغۇچە بولدى قىلمايتتى.
Image
خالىق مەمەت قاتارلىقلار ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى ئورۇنلىغان «مۇقام ئۇستازى» قاتارلىق دىرامىلارنىڭ ناخشا-مۇزىكا قىسىمىنى «راك»، «چەببىيات»، «ئوششاق» قاتارلىق مۇقاملار ئاساسىدا ئىجاد قىلىپ، مۇزىكا ئاھاڭلىرىنى ئىسلاھ قىلىش، شاكىلىنى ئېلىۋىتىپ، مېغىزىنى قالدۇرۇش، كونىسىنى يېڭى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش جەھەتلەردە ئۈلگە ياراتتى. خالق مەمەت قاتارلىقلار يەنە «پەنجىگاھ ۋە ئاماننىسا» ناملىق ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىرنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرىنى «پەنجىگاھ» مۇقامىدىكى ئاھاڭلاردىن پايدىلىنىپ ئىشلەپ چىقتى. 1991-يىلى يەكەن ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ تەكلىپى بىلەن يەكەنگە بېرىپ، «راك» مۇقامى ئاساسىدا ئىشلەنگەن «مۇقام يۇرتىدىكى شادلىق» نامىدىكى ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىرنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرىنى يەكەندىكى باشقا مۇزىكانتلار بىلەن بىللە سەھنىگە ئېلىپ چىقتى ۋە ئۇيغۇر 12 مۇقامىغا ئىجابىي ۋارىسلىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى نامايان قىلدى. بۇ كېچىلىك 1992-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت بايرىمىدا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
Image
خالىق مەمەتنىڭ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان بىر تەرىپى، ئۇنىڭ: «ئۇيغۇر 12 مۇقامى بىزنىڭ ئىپتىخارىمىز، ئۇ خۇددى مىڭلىغان تارماق ئېقىنلاردىن تەركىب تاپقان تارىم دەرياسىغا ئوخشايدۇ، لېكىن تارىم دەرياسىنىڭ قىنى ئوخشاش تۇرغان بىلەن، ئۇنىڭ دولقۇنلاپ ئاقىدىغان سۇلىرى ھەر يىلى يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ قىنى، ئۇنىڭ يىلتىزى بىر، لېكىن ئۇنىڭ مۇزىكىلىرى، ناخشىلىرى بىر خىل تۇرىۋەرسە بولمايدۇ، ئۇنىڭدىمۇ يېڭىلىق، ئىجادكارلىق بولۇشى كېرەك» دېگەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر 12 مۇقامى ئاساسىدا يېڭى كۈيلەرنى خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى، ئەنئەنىۋى ناخشا ئاساسىدا يېڭى ناخشىلارنى روياپقا چىقاردى، مۇنداقچە ئېيتقاندا كونا بوتۇلكىغا يېڭى مەي قاچىلىدى، مۇزىكا-ناخشىلارنى دەۋرنىڭ، خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇردى. ئۇ گەرچە ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئويلىغانلىرىنى سىستېمىلىق نەزەرىيە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن «ئۇيغۇر 12 مۇقامىدا ئۆزگىرىش بولۇش كېرەك، ئۇنى دەستەك قىلىپ كۆتۈرۈپ يۈرىۋەرمەي، چوقۇم يېڭىلىق يارىتىش كېرەك» دېگەنلەردىن بىشارەت بەردى. بۇ بىز چوڭقۇر ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئەمەلىي مەسىلە. ئۇستازىم مۇشۇ جەھەتتە ئۆزىنىڭ ئوي-خىيالى بىلەنلا توختاپ قالماي، مۇقام ئاھاڭلىرىنى مەنبە، خەلق ئاھاڭلىرىنى ۋاسىتە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئارزۇلىرىنى ئۆزى ئىشلىگەن «كۈندە بايرام، كۈندە توي»، «شادلىق ناۋاسى»، «كۆز تاشلىما»، «مېنىڭ ناخشام»، «كەلدى ئېسىل ئالتۇن باھارىم»، «بەختىيار ئەل ئوغلىمەن»، «گۈل سەيلىسى»، «سەنئەتچىمەن» ناملىق ناخشلىرىدا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئىپادىلەپ، خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. مۇھىمى، ئەنئەنىگە قانداق قىلغاندا توغرا ۋارىسلىق قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، ۋارىسلىق قىلىشنىڭ ئۆزى ئەنئەنىنى ھەقىقىي يوسۇندا قوغداش ئىكەنلىكىنى سەمىمىزگە سالدى.
خالىق مەمەت 1994-يىلى دۆلەتلىك مىللەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سەنئەتكارلار قاتارىدا مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ ئاتاقلىق سەنئەتكار، ئىجتىھاتلىق ئۇسسۇل رېژىسسورى كۈرەش رەجەپ بىلەن بىرلىكتە «چەببىيات» مۇقامىدىن ئارىيە ئورۇنلاپ، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە نائىل بولدى. 1995-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن قاغىلىق ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن «قاغىلىق ناۋاسى» ناملىق بەدىئىي فىلىمدە تۇرداخۇن ئاكىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ، «ئوششاق مۇقامى»دىن ئارىيە ئورۇنلىدى ۋە كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
خالىق مەمەت ھاياتىدا مۇقام مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلاش، مۇقام ئورۇنلاشتا يېڭىلىق يارىتىش، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ تېخىچە تېپىلمىغان ياكى رەتلەنمىگەن بۆلەكلىرىنى ئىزدەپ تېپىش بىلەنلا توختاپ قالماي، ئىزچىل رەۋىشتە مۇقام تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. 1996-يىلى، شۇ چاغدا قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ سابىق باشلىقى دادام سەپەر ھۈسيىن ئۆزى توپلىغان «ئىشرەت ئەنگىز»، «مۇستەھزاد»، «ئابى چەشمە»گە ئائىت ماتېرىياللارنى خالىق مەمەتكە تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭغا بۇ ئاھاڭلارنىڭ تەۋەلىكىىنى تېپىپ چىقىشنى ئورۇنلاشتۇردى.
Image

Image


كىچىك چېغىدىن تارتىپ ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ كېلىۋاتقان خالىق مەمەت بۇ ۋەزىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. بۇ ئۈچ ئاھاڭنىڭ قايسىسى قايسى مۇقامغا تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى ئايرىپ، ئۇلارنى ئۆزى تەئەللۇق مۇقاملارغا سەپلەپ كىرگۈزدى. بۇ جەرياندا، ئۇ «ئۈچ ئەڭگۈشتەر»نىڭ كۈي شەكلى، مۇزىكا قۇرۇلمىسى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلدى. ئۇلارنى ئالدى بىلەن ئۆزى ئۆگىنىپ، ئاندىن قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت مەكتىپىدە ئومۇملاشتۇرغاندىن كېيىن، جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىگە تاپشۇردى. 1996-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدا ئۇيغۇر كىلاسسىك 12 مۇقامىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان «ئىشرەت ئەنگىز»، «مۇستەھزاد»، «ئابى چەشمە»نى ئېلان قىلىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى ئېچىلدى.
Image
شۇ قېتىملىق يىغىندىن كېيىن، «ئۈچ ئەڭگۈشتەر»نى ئۈنگە ئېلىشنىڭ تەييارلىق خىزمىتى باشلاندى. مۇقام ئۇستازى خالىق مەمەتنىڭ يېتەكلىشىدە، ئاتاقلىق دىرىژور ئابدىراخمان ئايۇپ، تەتقىقاتچى ئابدىكېرىم ئوسمان قاتارلىقلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن «ئۈچ ئەڭگۈشتەر»دىكى بەزى كەم دەپ قارالغان ئاھاڭلار يېڭىدىن ئىشلەندى ۋە ئۆزىنىڭ ئورنىغا قويۇلدى. شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىدىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئابلىز شاكىر، ئابدىراخمان ئايۇپ، ئابدىكېرىم ئوسمان قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ ئورۇنلىشى بىلەن، 1997-يىلى بۇ «ئۈچ ئەڭگۈشتەر»نىڭ CD پىلاستىنكىسى بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. 2002-يىلىغا كەلگەندە «ئۈچ ئەڭگۈشتەر»نىڭ قوشۇلۇشى بىلەن پۈتۈپ چىققان ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ DVD، VCD، CD پىلاستىنكىلىرى نەشردىن چىقتى.
Image
بۇ ۋەزىپىنىڭ ئۇتۇقلۇق تاماملىنىشىغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى. جۇڭگو شىنجاڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىدىكى ئالىم-مۇتەخەسسىسلەر زور ئەجىر قىلدى، قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ سابىق باشلىقى تەتقىقاتچى سەپەر ھۈسىيىن ۋە ئابدىراخمان ئايۇپ، ئابلىز شاكىر، ئابدىكېرىم ئوسمان قاتارلىقلار باشتىن-ئاياغ قاتناشتى. خالىق مەمەتنىڭ كۆپ يىللىق ئىزدىنىشلىرى روياپقا چىقتى.
Image
بۇ يەردە مۇنداق بىر ئىشنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ:
جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ ئەسىرلەر مابەينىدە قولدىن قولغا، زاماندىن زامانغا ئۆتۈپ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلىشىدە نۇرغۇن تۆھپىكارلارنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى مۇقامغا بېغىشلىغان، مۇقام ئۈچۈن جان پىدالىق كۆرسەتكەن شانلىق ئىش-ئىزلىرى بار. خالىق مەمەت ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى ئورۇنلاش، تولۇقلاش، 12 مۇقامغا ۋارىسلىق قىلىش جەريانىدا، ئازادلىقنىڭ بېشىدا شۇ چاغدىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 12 مۇقامنى ئۈنگە ئېلىش ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭدىن كەلگەن مۇقام پېشۋالىرىنى پەقەت ئېسىدىن چىقارمىدى. 2000-يىلى شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ مۇقام مائارىپىدا تەلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا مۇقام ھەققىدە بىلگەنلىرىنى ئۆگىتىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى دەپ قارىدى. يېڭى قىياپەت، يېڭى شەكىل، يېڭى ئاھاڭ، يېڭى تېكىستلەر بىلەن ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قېلىشنى، ئۇنىڭ بۇرۇنقىدەك قولدىن قولغا ئۆتۈپ، زاماندىن زامانغىچە داۋاملىشىشىنى ئۆز زىممىسىدىكى مۇھىم ۋەزىپە دەپ قارىدى. ئۇ شۇ قېتىمدا داڭلىق سەنئەتكارلار بىلەن بىللە بېيجىڭغا بېرىپ «راك» ۋە «پەنجىگاھ» مۇقاملىرىنى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسسىدا ئۈنگە ئېلىش خىزمىتىنى غەلىبىلىك ئورۇنلىدى. خالىق مەمەت بۇرۇنقىلاردىن ئۆگەندى، كېيىنكىلەرگە ئۆگەتتى، ئۆزىنىڭ ھايات ۋاقتىدا «مەن ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ دۆلىتىمىز ئاسمىنىدا مەڭگۈ جاراڭلاپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن» دېگەن گېپىدە چىڭ تۇردى. خالىق مەمەت 2002-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن 54 يېشىدا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.
ئاتاقلىق مۇقامچى، 12 مۇقامنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ۋارىسى ئوسمان ئەمەت مۇنداق دەيدۇ: «1978-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندىم. ئەينى ۋاقىتتىكى قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى سەپەر ھۈسىيىن خالىق مەمەتكە مېنى مۇقام  ئورۇنلاش بويىچە ئەتراپلىق تەربىيەلەشنى ئورۇنلاشتۇردى. مەن ئۇ ئۇستاز ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۇنىڭ بىلەن ئاكا-ئۇكا، ئەل-ئاغىنە، ئۇستاز-شاگىرت تەرىقىسىدە بىللە ياشىدىم. شۇ جەرياندا ئۇستاز ماڭا ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ تارىخىنى، ئۇنىڭ تارىخىي قىممىتىنى، ئۇنى قانداق ئورۇنلاشنىڭ يوللىرىنى، مۇقام ئاھاڭلىرى بىلەن ئورۇنلىغۇچىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى باغلىنىشىنى ئۈجۈر-بۈجۈرىگىچە ئۆگەتتى، بولۇپمۇ مۇقام ئاھاڭلىرى بىلەن مۇقام تېكىستلىرىدىكى نازۇك ھېس-تۇيغۇ، بەدىئىي پۇراقلارنى قانداق ئىپادىلىشىم كېرەكلىكى ئۈستىدە ماڭا پۈتكۈل زېھنى بىلەن كۈچ سەرپ قىلدى. مېنىڭ ھازىرقىدەك ئەھۋالغا كېلىشىمنى قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ شۇ چاغدىكى باشلىقى سەپەر ھۈسىيىن بىلەن ئۇستازىم خالىق مەمەتنىڭ ئەجرىدىن ئايرىپ قارىيالمايمەن. ئۇستازنى مەڭگۈ ياد ئېتىمەن!».
Image
ئاتاقلىق سەنئەتكار، ئىجتىھاتلىق ئۇسسۇل رېژىسسورى كۈرەش رەجەپ ئۇيغۇر ناخشىچىلىقى ساھەسىدە خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئەل ئىچى ئاممىباپ ناخشىچىلىرى، ياۋروپا ئۇسلۇبىدا ناخشا ئېيتىدىغانلار، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ كەلگەن كەسپىي ناخشىچىلار، بالىلار ناخشىسىنى ئېيتىدىغان ئۆسمۈر ناخشىچىلار توغرىسىدا توختالغاندا: «مۇقام ناخشىلىرىنى ئورۇنلاشنىڭ ئىچكى جەلىپكارلىقى ۋە تاشقى جەزبىدارلىقى ھازىرغىچە چوڭقۇر تەتقىق قىلىنمىدى. مۇقام ناخشىلىرىنى زادى قانداق قىلغاندا ھەممە ئاڭلىغۇچى ئوخشاش رازى بولىدىغان دەرىجىدە ئېيتقىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاخىرقى يەكۈن ياكى ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىلمىدى. ئالىي ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك سەنئەت ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىدا مۇقام دەرسى ئۆتۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، جىڭجۈي تىياتىرىنىڭ ناخشىلىرىدەك ياكى ياۋروپا ناخشىلىرىدەك قائىدىلىك تەرتىپتىكى مۇقام دەرسى تۇرغۇزۇلمىدى. مۇقام ناخشىلىرىدىكى ئاۋاز ئورنى، تىنىق ئورنى، ئاۋاز ئېلىش قائىدىسى، ئاۋاز چىقىرىش يولى، ئاۋاز كۈچى، ئاۋاز دائىرىسى، ئاۋاز دولقۇنى، ھەتتا قانداق باشلاش، قانداق چۈشۈرۈش جەھەتلەردە مۇكەممەل، ئورتاق قائىدە-پىرىنسىپلار بەلگىلەنمىدى. بىز ھازىرغىچە تۇرداخۇن ئاكا ئورۇنلىغان 12 مۇقام ناخشىلىرىنىڭ قەشقەر نۇسخىسىدىن ئەندىزە ئورنىدا پايدىلىنىۋاتىمىز. ئۇنىڭ بىردىنبىر باش ئۆلچەم بولۇپ كەلگىنىگە ئۇزاق ۋاقت بولدى، لېكىن تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ مۇقام ناخشىلىرىنى ئورۇنلاش ئۇسلۇبى جەھەتتە نوپۇزلۇق تەتقىقات ماقالىلىرى يوقنىڭ ئورنىدا. شۇنداقتىمۇ مۇنداق بىر مەسىلىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. يەنى، مۇقامچى خالىق مەمەت ئۆزىنىڭ مۇقام سەنئىتى بىلەن شۇغۇللانغان قىسقا ھاياتىدا مۇقام ناخشىلىرىنى زادى قانداق ئېيتىش جەھەتتە ئوبدانلا ئىچكىرىلەپ باقتى، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ مۇقەددىمە، باش نەغمە، داستان نەغمە ۋە مەشرەپ نەغمىلىرىدىن ئىبارەت پايانسىز دېڭىزغا ئوبدانلا شۇڭغۇپ، مۇقام ناخشىلىرىنى ئورۇنلاش جەھەتتە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شۇنى دېمەي بولمايدۇكى، بىزدە مۇقام ئورۇنلايدىغان ناخشىچىلار كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقىي يېتىلگەن، مۇقام ناخشىلىرىنىڭ ئىچكى گۈزەللىكى بىلەن ھەقىقىي يوسوندا ئۇچراشقانلار ئاز. مۇشۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇقام ناخشىلىرى بىلەن سەھنىگە چىقىۋاتقانلارنى شۇنداق بىر نەچچە تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ: بىرىنچىسى، مۇقام ھەر قانداق ناخشىچى ئېيتسا بولىدىغان ھەمدە ئېيتالايدىغان ناخشا، ئۇنى ئۇنچە كۆپ ئوقۇمايمۇ ئېيتقىلى بولىدۇ دەپ قارايدىغانلار؛ ئىككىنچىسى، كىچىكىدىن باشلاپ دىلىغا مۇقامنىڭ چىرىغى يېقىلغان، مۇقامدىن قەلبىگە ئوت تۇتاشقان، مۇقام ناخشىلىرى ۋە ئۇنىڭدىكى غايىۋى قۇدرەتتىن ۋۇجۇدى زىلزىلىگە كەلگەنلەر ۋە داڭدار مۇقام ئۇستازلىرى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە، ئۇلارىن ئۆگىنىش پۇرسىتىگە، مۇقاملار ھەققىدە تەتقىق قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلار؛ ئۈچىنچىسى، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ بارلىققا كېلىش، تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش تارىخىنى، ئۇنىڭ جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى تارىخىي قىممىتىنى، تۇتقان ئورنىنى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بولغان باغلىنىشچانلىقىنى بىلىدىغانلار ۋە جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىچىدىكى ۋەكىللىك ئەسەر ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەنلەر. بۇ يەردىكى ئىككىنچى، ئۈچىنچى تۈردىكىلەرگە خالىق مەمەتنى، ئوسمان ئەمەتنى مىسال ئالماي تۇرالمايمىز.
خالىق مەمەت ئۆزىنىڭ مۇقام ناخشىلىرىنى ئورۇنلاشتىكى ئۆزگىچە پىرىنسىپلىرى بىلەن تۇرداخۇن ئاكىنىڭ يولىدا چىڭ تۇردى. تۇرداخۇن ئۇسلۇبىغا ھەقىقىي يوسۇندا ۋارىسلىق قىلدى. ئادەتتىكى ناخشىلارنى ئورۇنلاش بىلەن 12 مۇقام ناخشىلىرىنى ئېيتىشنى پەرقلەندۈردى. كۆز بىلەن قاراپلا ئوقۇسا بولىدىغان تېكستلەر بىلەن ئۇنىڭ ئىنسانىيەت ۋۇجۇدىدىكى تەسىرىنى پەرقلەندۈردى. تېكىستلەرنى يۈزەكى چۈشىنىش بىلەن ئۇنىڭدىكى ئەجدادلاردىن قالغان ئەخلاق-پەزىلەت، ئىنسانپەرۋەرلىك، قەھرىمانلىق، سۆيگۈ-مۇھەببەت، ۋاپادارلىق ئىزنالىرىنى پەرقلەندۈردى. ئەقلىيە-قائىدە، پەند-نەسىھەت، كىشىلىك قاراش قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن تەمكىن ھالدا ئوقۇشنى خەلق ناخشىلىرىدىكى تېز، جۇشقۇن، يەڭگىل ئىپادىلەش بىلەن پەرقلەندۈردى. مۇقام ناخشىلىرىدىكى ئۇزۇن تالالىق، سوزۇلما كۈيلۈك خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئاھاڭلارنى ئالدىراپ تۈگەتكىلى بولىدىغان ناخشىلاردىن پەرقلەندۈردى. خالىق مەمەتنىڭ ئاڭلىماققا ئاددىي تۇيۇلىدىغان بۇ قاراشلىرى ئوسمان ئەمەت قاتارلىقلارنىڭ مۇقام ناخشىلرىنى ئورۇنلاش ئەمەلىيىتىدە ئىسپاتلاندى».
كۈرەش رەجەپ خالىق مەمەت توغرىلىق مۇنداق ئەسلەتمە قىلىدۇ: «1987-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە، دۆلەتلىك مىللەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ تەكلىپى بىلەن، مەن ۋە خالىق مەمەت قاتارلىق بىر قىسىم شىنجاڭلىق سەنئەتچىلەر مەخسۇس بىر مەيدان شىنجاڭ سەنئەت كېچىلىكى تەييارلاش ئۈچۈن بېيجىڭغا باردۇق. بۇ جەرياندا خالىق مەمەت كېچىلىككە مۇزىكا ئىشلەش ۋە 12 مۇقامدىن پارچە ئۆگىتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. مەن كېچىلىكنىڭ باش رېژىسسورلۇقىنى ئۈستۈمگە ئالدىم. بىر يىللىق جاپالىق ئىشلەش جەريانىدا، خالىق ئاكىنىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مۇزىكا ئەترىتىگە مۇقامدىن پارچە ئۆگىتىشى، ئۇسلۇب ئۆگىتىشتىكى پوزىتسىيەسى، ئۇنىڭدىكى كۆيۈمچانلىق ۋە پىداكارلىق مەندە غايەت چوڭقۇر تەسراتلارنى قالدۇردى.
شۇ چاغدا ئۇستاز خالىق مەمەت ئۆزىنىڭ ئەمگىكىدىن بەك مەمنۇن بولغانىدى. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى: <ئىجادىيەتلىرىمىزنى پايتەختتە نامايان قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنىمىز چوڭ ئىش بولدى!> دېگەن سۆزى ھازىرقىدەكلا ئىسىمدە تۇرىدۇ.
ئەپسۇس، بىز ئاتاقلىق مۇقامچى خالىق مەمەتتىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالدۇق! مۇقام يۇرتى بولغان قەشقەردە خالىق مەمەتتەك بىر يېتۈك مۇقامچىنىڭ يوقلۇقى بىزنى بەك بىئارام قىلىدۇ. مانا بۇ خالىق مەمەتنىڭ سەنئەت ساھەسىدىكى، مۇقام ساھەسىدىكى تولدۇرغىلى بولمايدىغان ئورنى. خەلقىمىز خالىق مەمەتنى ياد ئېتىدۇ، مەڭگۇ ئۇنۇتمايدۇ!».
شىنجاڭ كۈي سۆيەر ئوركېستىرىنىڭ باش نازارەتچىسى، ئاتاقلىق دىرىژور ئابدىراخمان ئايۇپ كىچىك چاغلىرىدا يەكەن كوناشەھەردىكى سىم تۈۋرۈكلەرگە ئېسىلغان كانايلاردىن مۇزىكا ئاڭلايدىغانلىقىنى، يەكەن ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ مۇزىكانتلىرى رەپىتىس جەريانىدا چالغان مۇزىكىلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالىدىغانلىقىنى، ساماۋەرخانىلاردا مۇقام ناخشىلىرىنى ئېيتقانلارغا قاراپ تۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز كىچىك چاغلاردا، يەكەن كوناشەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى <غەدىگەرلىك> دەپ ئاتىلىدىغان مەيداننىڭ غەربىي جەنۇبىي تەرىپىدىكى كۆلىنىڭ بويىدا بىر ساماۋەرخانا بار ئىدى. بۇ ساماۋەرخانىنىڭ يېرىمى كۆلنىڭ ئۈستىدە، يېرىمى قۇرۇق يەرنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، سازەندىلەر، ئەلنەغمىچىلەر دائىم دېگۈدەك مۇشۇ ساماۋەرخانىغا كېلىپ مۇقام نەغمىلىرىنى چالاتتى ياكى مۇقام ناخشىلىرىنى توۋلايتتى. 1964-يىلى ياكى 1965-يىلى بولسا كېرەك، يازنىڭ بىر كۈنى ساماۋەرخانىغا بېرىپ، چېلىنىۋاتقان مۇزىكىلارنىڭ ئاۋازى، ئېيتىلىۋاتقان ناخشا، ئورۇنلاش ئۇسلۇبى قاتارلىقلارنىڭ بۇرۇن ئاڭلىغانلىرىمغا ئوخشىماي قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۈگۈنكى مۇزىكىنىڭ ئىچىدە بىر تەمبۇرنىڭ ئاۋازى ئۆزگىچە جاراڭلىق، ئورۇنلاشتىكى ماھارەت شۇنچىلىك پىششىقتەك بىلىندى. سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، تەمبۇر چېلىۋاتقان ئادەمنىڭ غۇلجىدىن كەلگەن تەمبۇرچى بالا ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ قەشقەردىن ئىكەنلىكىنى بىلدىم، شۇنداقلا بۇ بالا تەمبۇرچىنىڭ ئىسمىنىڭ خالىق مەمەت ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇم. ئۇ چېلىۋاتقان تەمبۇر، تەمبۇرنىڭ قارنىدىن چىقىۋاتقان ئاۋاز، لەرزان ئاھاڭ، ئېيتىلىۋاتقان ناخشا مېنىڭ يۇمران قەلبىمگە مۇزىكىنىڭ ئوتىنى تۇتاشتۇرغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەرگە ھەر كۈنى دېگۈدەك كېلىپ يۈردۈم. مۇقام ئاھاڭلىرىغا ئىشتىياق باغلىدىم، كۈندۈزلىرى ئەس-يادىم شۇ يەردە بولىدىغان، كېچىلىرى كۆڭلۈمدە قانداقتۇر بىر نەرسە يەكەن دەرياسىدەك مەۋج ئۇرىدىغان بولۇپ قالدىم. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ بالا تەمبۇرچىنىڭ قەشقەردىكى سەنئەت كۆرىكىگە بېرىپ، ياخشى نەتىجە بىلەن قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىگە تاللانغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. مېىنىڭ مۇقام ئۇستازى خالىق مەمەتنى تونۇشۇم شۇنداق باشلاندى.
ئۇزاق ۋاقىتلار ئۆتتى، 1997-يىلى، جۇڭگو قامۇسى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان <ئۇيغۇر 12 مۇقامى>نىڭ ئۈچىنچى نەشرى ھەمدە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى <ئىشرەت ئەنگىز>، <مۇستەھزاد>، <ئابى چەشمە>نى قېزىش، توپلاش، رەتلەش، نوتىغا ئېلىش، قاپلىق ئۈنئالغۇ لىنتا ۋە پلاستىنكا قىلىپ ئىشلەش خىزمىتى باشلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار مېنى بۇ ئىشقا تەكلىپ قىلدى. مۇقام تۆھپىكارى، كىچىك چېغىمدىلا يۈرىكىمگە مۇقام ئوتىنى ياققان خالىق مەمەتنىڭمۇ بۇ ئىشقا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلىپ ئىنتايىن خۇش بولدۇم. مۇشۇ جەرياندا خالىق ئاكىنىڭ ئاتاقلىق سەنئەتكار، مۇقامشۇناس سەپەر ھۈسىيىننى ئۇستاز تۇتۇپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىنى، سەپەر ھۈسىيىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن <ئۈچ ئەڭگۈشتەر>دىكى قىرىق نەچچە ئاھاڭنى ئۆزى تەئەللۇق مۇقاملارغا سەپلىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ لاياقەتلىك مۇزىكانت بولۇپلا قالماي، مۇقامنى تەتقىق قىلىدىغان تەتقىقاتچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭ تالانتىغا چىن كۆڭلۈمدىن قايىل بولدۇم. شۇ قېتىمقى خىزمەتتە خالىق ئاكا ماڭا ئەجەم مۇقامىنىڭ <مۇستەھزاد> مەرغۇلىنىڭ تېپىلمىغانلىقىنى، بۇنى تولۇقلاپ ئىجاد قىلىش لازىملىقىنى ئېيتتى. مەن ئەجەم مۇقامىنىڭ <مۇستەھزاد>ىدىكى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئەجەم مۇقامىنىڭ ‹مۇستەھزاد›ىنىڭ نەزمە قىسمىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ مەرغۇلىنى ئىشلەپ چىقتىم. مۇزىكانتلار ئۆگىنىپ ئورۇنلىغاندىن كېيىن خالىق ئاكا، ئابلىز شاكىر، ئابدىكېرىم ئوسمان قاتارلىقلار: <بۇ مەرغۇل ھەقىقىي يوسۇندا مۇقام تۈسىنى ئالغان مەرغۇل بوپتۇ> دەپ ماڭا ئىلھام بەخش ئەتكەن ئىدى.
ئەجەم مۇقامى مۇستەھزاد مەرغۇلى,baxkariz,2分钟
ئابدىكېرىم ئوسمان «ئىشرەت ئەڭگىز» مۇقامىنىڭ مۇقام بېشى ئاساسىدا ئىجاد قىلغان
ئىشرەت ئەڭگىز مۇقامىنىڭ تەئەززە مەرغۇلى
ئىشرەت ئەڭگىز تەئەززە مەرغۇلى,baxkariz,4分钟
Image
2000-يىلى ئۇيغۇر 12 مۇقامىدىن <راك> مۇقامى بىلەن <پەنجىگاھ> مۇقامىنى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسسىدا ئۈنگە ئېلىش خىزمىتىگە قاتناشقىلى بېيجىڭغا باردىم ۋە شۇ يەردە خالق ئاكا بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشتۈم.
مۇشۇ مەزگىلدە خالىق ئاكىدىن مۇقام ھەققىدە، مۇقام مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلاش، ناخشىلىرىنى ئېيتىش ھەققىدە ئاز بولمىغان بىلىمگە ئىگە بولدۇم. جىق مۇڭداشتىم، ھەر قايسى يۇرتلاردىكى مۇقامچىلار، ئۇلارنىڭ مۇقام ئورۇنلاش ئۇسلوبى، ئورۇنلانغان مۇقاملارنىڭ كام ياكى ئالمىشىپ قالغان جايلىرى، مۇقاملارنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇملىشىش ئەھۋالى، مۇقام مائارىپى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردۇم. ئۇنىڭ بىلەن قىلىشقان گەپلىرىمىزنىڭ بىرىمۇ مۇقامدىن نېرى كەتمەيتتى. ھەتتا شۇ چاغدا مەن بىلەن بىر ياتاقتا تۇرىدىغان دىلشات راھىدىنمۇ خالىق ئاكىدىن تەلىم ئېلىش ئۈچۈن بىللە تۇرغان ياتاقتىن يۆتكىلىپ، خالىق ئاكىنىڭ ياتىقىغا چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئەپسۇس، بۇ قېتىم خالىق ئاكا بىلەن بىللە ئىشلىگەن خىزمىتىمنىڭ، بۇ قېتىمقى بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشۈمنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق خىزمەت ۋە كۆرۈشۈش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. ئىككى يىل ئۆتۈپ خالىق ئاكىنىڭ قەشقەردە ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلاپ بەك ئازابلاندىم».
Image
دەرۋەقە، خالىق مەمەت ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى مۇقام سەھنىلىرىدە، مەشرەپ سورۇنلىرىدا، دەرسخانىدىكى مۇنبەردە قالدۇرۇپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى تارىخ سەھىپىسىدە قالدۇردى، ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ئاھاڭلارغا، ناخشىلارغا ئويۇپلا قالماي، مۇقام سۆيەر خەلقىنىڭ قەلبىگىمۇ ئويۇپ قويدى. ئۇنىڭ قىلغان سۆزلىرى قۇلىقىمىزدا قالدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى مۇقام سەھنىلىرىدە قالدى، ئۇنىڭ باسقان ئىزلىرى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى جۇلالاپ تۇرغان جۇڭگو تۇپرىقىدا قالدى، ئۇنىڭ ئارزۇسى جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ ۋارىسلىرىغا، ئىزباسارلىرىغا قالدى. بىز ماقالىمىزنى خالىق مەمەت بىلەن بىر مەزگىل ھەمكارلىشىپ بىرگە ئىشلىگەن شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەننىڭ ئوقۇتقۇچىسى، غېجەك ماھىرى، مۇقام تەتقىقاتچىسى، تۆھپىكار باغۋەن ئابدىكېرىم ئوسماننىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرى بىلەن ئاياغلاشتۇرىمىز:
«مەن خالىق ئاكا بىلەن 1996-يىلىدىن باشلاپ ئالتە يىل ھەمكارلاشتىم، شۇ يىلى جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە خالىق ئاكا بىلەن بىللە بېيجىڭغا بېرىپ، ئۇيغۇر 12 مۇقامى ھەققىدىكى كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىش خىزمىتىگە قاتناشتىم، بۇ جەرياندا مەن خالىق ئاكىنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مىراسلىرى ئىچىدىكى  ئۇيغۇر 12 مۇقامىغا، دۆلىتىمىزنىڭ سەنئەت مىراسلىرىغا قانچىلىك كۆيۈنىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تەسىرلەندىم. خالىق ئاكىنىڭ نام-ئاتاققا بېرىلمەيدىغان، دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ئىشلىرىغا سادىق، پەزىلەتلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئۇ مۇقام ئۇستازى سەپەر ھۈسيىن ئۆزىگە تاپشۇرغان <ئىشرەت ئەنگىز>، <مۇستەھزاد>، <ئابى چەشمە>دىن ئىبارەت <ئۈچ ئەڭگۈشتەر>نى ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى بىلەن بىللە نەشىر قىلدۇرۇشقا قالتىس جان پىدالىق كۆرسەتتى. شۇ كۈنلەردە مەن ئۇنىڭ مۇقام سەنئىتىگە بولغان مۇھەببىتىنى، خەلقنىڭ سەنئەت ئىشلىرىغا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىنى، ناخشا-مۇزىكا ئىجادىيىتىدىكى ئەستايىدىللىقىنى ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلىشقا تىرىشتىم. مەن مۇقامنىڭ سۈيىدە ئېقىپ، ئوتىدا كۆيگەن ئۇستازلارغا، جۈملىدىن بۇ سۆيۈملۈك ئۇستازغا چىن قەلبىمدىن ھۆرمەت بىلدۈرىمەن، ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى مۇقام ئىشلىرىغا بېغىشلىغان، مۇقامغا ئىجادى ۋارىسلىق قىلغان شىجائىتىنى ھەرگىز ئۇنۇتمايمەن!».
ئاپتور: شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام ئانسامبىلىنىڭ پىنسىيۇنېرى
مەسئۇل مۇھەررىر: ئۆمەر ئىمىن
(بۇ ماقالە «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2023-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

Comments

Popular posts from this blog

The Formation and Evolution of the National Army: A Detailed Historical Account

A basic recipe for cooking Uyghur Polu

Meshrep: A Rich Cultural Tradition of the Uyghur People and Thirty Men Meshrep