Posts

Showing posts from May, 2024

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا سىياسىي ئاتالغۇلارنى ياساشنىڭ مورفولوگىيەلىك ئاددىي قېلىپى

  ھازىرقى زامان  ئۇيغۇر تىلىدا سىياسىي ئاتالغۇلارنى ياساشنىڭ  مورفولوگىيەلىك ئاددىي قېلىپى [1]   مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن  [2] بۇ ماقالە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا سىياسىي ئاتالغۇلارنىڭ ياسىلىشىدا كېرەك بولىدىغان ۋە قوللىنىلىدىغان ئاددىي مورفولوگىيەلىك قېلىپنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوشۇمچىلىق( agglutinative ) خۇسۇسىيىتىگە تايىنىپ، ئاساس سۈپەت ياكى ئىسىمدىن كىشى ، سىستېما، ئىدىيولوگىيە، ئۆزگىرىش جەريانى ۋە نەتىجىۋى ھالەت ياساشنىڭ ئىشلەپچىقىرىشچان مېخانىزىمى بايان قىلىنىدۇ. ماقالە سىزگە بىر ئومۇمىي قېلىپ تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭ ھازىرقى زامان سىياسىي، ئاكادېمىك ۋە مەتىبۇئات تىلىدىكى قوللىنىش ئىمكانىيىتىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ . ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :   ئۇيغۇر تىلى، مورفولوگىيە، سىياسىي ئاتالغۇ، قوشۇمچە، ئىدىيولوگىيە ھازىرقى زامان سىياسىي ۋە جەمئىيەت پەنلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىللە، سىياسىي ئاتالغۇلارنىڭ تىلدىكى ئىپادىلىنىشى كۈنسېرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولماقتا. ئۇيغۇر تىلى، تۈركىي تىللارغا خاس بولغان قوشۇمچىلىق  (agglutinative)  قۇرۇلمىسى ئارقىلىق، سىياسى...

تۈرك ، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ئۈستىدە تەتقىقات

  تۈرك ، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئاپتور: ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق،  1-ئىسىم قويۇش ۋە ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈركلەردە كىشى ئىسىملىرى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئات قويۇش، ئۇزاق ئۆتمۈشتىن بېرى، ئاتا-ئانىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر ئىشى بولۇپ كەلدى. خۇسۇسەن، تۇنجى پەرزەنت كۆرۈش ئالدىدىكىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئىشنىڭ مۇھىملىقى تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ. كۈنىمىزدىكى ئومۇمىيۈزلۈك تەرەققىي قىلىش ياكى مەدەنىي مىللەتلەر ئارىسىدا ئۆزگىچىلىكى، ئۆزىگە خاسلىقى ۋە ئۆزىگە ئائىت مىللىيلىقى بىلەن ئۆزىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئىپادىلەش، تونۇتۇش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغان مۇشۇنداق پەيتتە، پەرزەنتلىرىگە ئەڭ مەنىلىك ئاتنى قويۇش، ئاڭ ۋە مەسئۇلىيەت ئىگىسى ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مۇھىم بىر ئىشتۇر. يېڭى توي قىلىپ ئۆز ئۇۋىسىنى قۇرغان ياش ئەر-ئاياللار ئادەتتە، ھامىلىلىك رەسمىيلەشكەندىن كېيىن، ئۆز ئارىسىدا ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ياكى جەمەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەڭ ئۇيغۇن بىر ئىسىمنى تېپىشنىڭ كويىغا چۈشىدۇ. بۇ جەرىياندا، ئاتا-ئانىلار مۇزاكىرە قىلىپلا قالماي،...