ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا سىياسىي ئاتالغۇلارنى ياساشنىڭ مورفولوگىيەلىك ئاددىي قېلىپى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا سىياسىي ئاتالغۇلارنى ياساشنىڭ مورفولوگىيەلىك ئاددىي قېلىپى[1]
مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن [2]
بۇ ماقالە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا سىياسىي ئاتالغۇلارنىڭ ياسىلىشىدا كېرەك بولىدىغان ۋە قوللىنىلىدىغان ئاددىي مورفولوگىيەلىك قېلىپنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوشۇمچىلىق(agglutinative) خۇسۇسىيىتىگە تايىنىپ، ئاساس سۈپەت ياكى ئىسىمدىن كىشى ، سىستېما، ئىدىيولوگىيە، ئۆزگىرىش جەريانى ۋە نەتىجىۋى ھالەت ياساشنىڭ ئىشلەپچىقىرىشچان مېخانىزىمى بايان قىلىنىدۇ. ماقالە سىزگە بىر ئومۇمىي قېلىپ تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭ ھازىرقى زامان سىياسىي، ئاكادېمىك ۋە مەتىبۇئات تىلىدىكى قوللىنىش ئىمكانىيىتىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇر تىلى، مورفولوگىيە، سىياسىي ئاتالغۇ، قوشۇمچە، ئىدىيولوگىيە
ھازىرقى زامان سىياسىي ۋە جەمئىيەت پەنلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىللە، سىياسىي ئاتالغۇلارنىڭ تىلدىكى ئىپادىلىنىشى كۈنسېرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولماقتا. ئۇيغۇر تىلى، تۈركىي تىللارغا خاس بولغان قوشۇمچىلىق (agglutinative) قۇرۇلمىسى ئارقىلىق، سىياسىي ئۇقۇم ۋە تۈزۈملەرنى سىستېمىلىق شەكىلدە ياساش ئىقتىدارىغا ئىگە. بۇ ماقالىچاق ئادىىي بولسىمۇ شۇ ياساش مېخانىزمىنى مورفولوگىيەلىك نۇقتىدىن سىستېمىلىق ھالدا تەھلىل قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر سىياسىي تىلىغا تۆۋەندىكى قوشۇمچىلار مىسال ئېلىندى:
مورفولوگىيەلىك رولى |
| سۆز ياساش ئىقتىدار | قوشۇمچا | |
كىشىلەشتۇرۇش |
| قوللىغۇچى، ئەمەل قىلغۇچى | /t͡ʃi/ | -چى |
ئابستراكت ئىسىم |
| سىستېما، ھالەت | /lik/ | -لىك |
ئىدىيولوگىيەلىك ئىسىم |
| ئىدىيولوگىيە، مايىللىق | /t͡ʃi.lik/ | -چىلىق |
سەۋەبلىك پېئىل ئىسىم |
| ئۆزگەرتىش جەريانى | /læʃ.tyˈryʃ/ | -لەشتۈرۈش |
نەتىجىۋى سۈپەت |
| ئۆزگىرىپ بولغان ھالەت | /læʃ.kæn/ | -لەشكەن |
بۇ قوشۇمچىلار ھازىرقى زامان ئاكادېمىك ۋە ماتىبۇئات تىلىدا خېلىلا ئىشلەپچىقىرىشچان بولۇپ، يېڭى سىياسىي ئاتالغۇلارنى ياساشقا ماس كېلىدۇ.
X نى ئاساس سىياسىي سۈپەت ياكى ئىسىم دەپ ئالغاندا، تۆۋەندىكى ياساش قۇرۇلمىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ:
ئىزاھ | شەكىل | تۈر |
سىياسىي خۇسۇسىيەت | X | سۈپەت |
X نى قوللىغۇچى | X + -چى | ئادەم ئاتالغۇسى |
باشقۇرۇش ياكى تۈزۈم | X + -لىك | سىستېما / ھالەت |
سىياسىي ئىدىيە | X + -چىلىق | ئىدىيولوگىيە |
X قىلىش | X + -لەشتۈرۈش | جەريان |
X بولۇپ قالغان | X + -لەشكەن | نەتىجىۋى ھالەت |
بۇ قېلىپ سىياسىي ئۇقۇملارنى بىر تەرەپلىمە ئەمەس، بەلكى سىستېمىلىق ھالدا چۈشەندۈرۈش ئىمكانىيىتىنى يارىتىدۇ.
مۇستەبىت (authoritarian) نى مىسالغان ئالغاندا :
- مۇستەبىت → مۇستەبىتچى → مۇستەبىتلىك
- مۇستەبىتچىلىك → مۇستەبىتلەشتۈرۈش → مۇستەبىتلەشكەن
ئۇنىڭغا ئوخشاش:
- دېموكرات → دېموكراتچى → دېموكراتلىك → دېموكراتچىلىق
- لىبېرال → لىبېرالچى → لىبېراللىق → لىبېرالچىلىق
1. Authoritarian (مۇستەبىت)
مۇستەبىت authoritarian (adj.)
مۇستەبىتچى authoritarian (person); authoritarianist
مۇستەبىتلىك authoritarianism (system / condition)
مۇستەبىتچىلىك authoritarianism (ideology / doctrine)
مۇستەبىتلەشتۈرۈش authoritarianization
مۇستەبىتلەشكەن authoritarianized
مۇستەبىت
(authoritarian)
│
┌──────┼───────────┐
│ │ │
مۇستەبىتچى مۇستەبىتلىك مۇستەبىتچىلىك
(authoritarianist) (authoritarian system) (authoritarian ideology)
│
┌───────┴────────┐
مۇستەبىتلەشتۈرۈش مۇستەبىتلەشكەن
(authoritarianization) (authoritarianized)
2. Democratic (دېموكرات)
دېموكرات democratic
دېموكراتچى democrat; democratic supporter
دېموكراتلىك democracy (system / condition)
دېموكراتچىلىق democratic ideology; democratism
دېموكرات
(democratic)
│
┌────┼───────────┐
│ │ │
دېموكراتچى دېموكراتلىك دېموكراتچىلىق
(democrat) (democracy) (democratic ideology)
3. Liberal (لىبېرال)
Uyghur English
لىبېرال liberal
لىبېرالچى liberal (person); liberalist
لىبېراللىق liberalism (system / condition)
لىبېرالچىلىق liberal ideology; liberalism (doctrinal sense)
لىبېرال
(liberal)
│
┌────┼───────────┐
│ │ │
لىبېرالچى لىبېراللىق لىبېرالچىلىق
(liberal person) (liberalism) (liberal ideology)
بۇ مىساللار يۇقىرىدىكى قېلىپنىڭ باشقا سىياسىي ئاتالغۇلارغىمۇ بىۋاسىتە قوللىنىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
تەھلىل نەتىجىسى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى سىياسىي ئاتالغۇ ياساشتا يۇقىرى دەرىجىدە قېلىپلاشقان ۋە سىستېمىلىق قۇرۇلما ئىگە. بولۇپمۇ -لىك بىلەن -چىلىق ئارىسىدىكى مەنىۋى پەرق سىياسىي تىلنى دەلمۇ-دەل ۋە ئېنىق قىلىدۇ. -لەشتۈرۈش قوشۇمچىسى بولسا ھازىرقى زامان سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئىپادىلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
بۇ ماقالە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا سىياسىي ئاتالغۇلارنىڭ مورفولوگىيەلىك ياسىلىشىغا ئومۇمىي بىر قېلىپ تەكلىپ قىلدى. بۇ قېلىپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ سىياسىي، ئاكادېمىك ۋە ماتىبۇئات ئىشلىتىشىدە ئاتالغۇ سىستېمىسىنى بىر خىللاشتۇرۇش ۋە تەھلىل قىلىشقا پايدىلىق قورال بولالايدۇ.
Comments
Post a Comment