شىنجاڭ تىياتىرچىلىقى ھەققىدە قىسقىچە بايان

 

شىنجاڭ تىياتىرچىلىقى ھەققىدە قىسقىچە بايان








(شىنجاڭ سەنئىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ژۇرنال ۋە ماتېرىياللاردىن رەتلەپ تەييارلاندى)

شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تىياتىرچىلىقى توغرىسىدا سۆز بولۇنسا تەبىئىيكى 1930-يىللارنىڭ ئاخىرى،  1940-يىللارنىڭ باشلىرىدا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سانايى نەفىسە (سەنئەت ئۆمەك) لىرى سەھنىلەشتۈرۈپ ئوينىغان «غېرىپ ـ سەنەم»، «تاھىر ـ زۆھرە»، «چىمەنگۈل»،  «سامساق ئاكاڭ قاينايدۇ»، زۇنۇن قادىرىينىڭ «غۇنچەم»،  «گۈلنىسا»، ئابدۇشۈكۈر يالقىننىڭ «شاڭخەي كېچىسى»، «باھار»،  «يالغۇز قىز»، «دەل توي كۈنى»، ئابدۇللا روزىنىڭ «ئۆگەي ئانا» ۋە ئۆزبېكىستان دىراممىلىرىدىن «باي ۋە مالاي»، «شايى سۈزەنە» قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. 1950-يىللاردا زۇنۇن قادىرىينىڭ «توي»،  مۇھەممەت تاتلىقنىڭ «يېتىملار يېشى»، «زەينەپكە تۆھمەت»،  ئۆزبېكىستاننىڭ «ئارشىن مال ئالان» قاتارلىق دىرامىلىرىنى تىلغا ئالىمىز. 1960-يىللاردا بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپ قالغان شىنجاڭنىڭ تىياتىر سەنئىتى 1970-يىللارنىڭ باشلىرىدا شۇ ناملىق بېيجىڭ تىياتىرى ئاساسىدا سەھنىلەشتۈرگەن «قىزىل چىراق» ئوپېراسى بىلەن قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن تاكى 1990-يىللارنىڭ ئاخىرغىچە قاينام ـ تاشقىنلىق ئىچىدە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. بۇ جەرياندا «غېرىپ ـ سەنەم»، «غۇنچەم»، «گۈلنىسا»، «ئارشىن مال ئالان» قاتارلىق بەزى نادىر ئەسەرلەر قايتا سەھنىلەشتۈرۈلدى.  «تامغىنى تارتىۋېلىش»،  «تامنى ئۆرۈپ قۇدا بولۇش»،  «ئاشلىق»،  «سىرلىق سومكا»، «قىزچاق، مەن بىلەن مېڭىڭ» قاتارلىق دۆلەت تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مۇھەممەتئېلى زۇنۇننىڭ «مەسلىھەت چېيى»، «رابىيە ــ سەئىدىن»، «كېچىككەن توي»، «مۇقام ئۇستازى»،«ھەسىنىكام ئاچچىق، ئامۇتى تاتلىقمۇ»، «ئەزىزە»، «قايچا قۇدا»، تۇرسۇن يۇنۇسنىڭ «مۇقام ئەجدادلىرى»، «ئەگرى پاچاققا دوناي توقماق»، «كۈتۈلمىگەن توي» ئىتالىيەنىڭ «ئىككى بايغا بىر مالاي»، ھىندىستاننىڭ «يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەك»، فىرانسىيەنىڭ «ئەجەل سىرتمىقى»، ئەنگىلىيەنىڭ «ھازازۇلنى ئىندەككە كەلتۈرۈش»،  ئۆزبېكىستاننىڭ «نۇرخان»، «كېلىنلەر قوزغىلىڭى» قاتارلىق دىراممىلىرى، تۇرغان شاۋۇدۇننىڭ «تاشۋاي»، تۇرسۇنجان لېتىپنىڭ «سىز بىزگە ئىشىنەمسىز»،  «قېرى يىگىتنىڭ تويى»، «تانسىكەش تۆمۈر خوتۇنلار»، تۇرسۇنجان لېتىپ بىلەن شاھىدىن گۆھىرىنىڭ «چىن مۇدەن»، ئىمىن راشىدىننىڭ «ئانارگۈل»، ئابلىز ئايۇپ،  توختاجى ئىمىننىڭ «ئارزۇلۇق بالا»،  مەمەتساۋۇت سەيدىننىڭ «قېرى ئاشىق ـ مەشۇقلار»،  جاپپار قاسىمنىڭ  «گۈلەمخان»،  «ۋىجدان سوتى ئالدىدا»،  ساھىت سادىقنىڭ «سەھرالىق كۈيئوغۇل»، «بەرىكەت»، «لەيلىخاننىڭ كۈلكىسى»،  تۇرسۇنجان سەمەتنىڭ «ئۆلۈم يولى»، «بەڭۋاش قىز»، ئەنۋەر ئابدۇرېھىمنىڭ «قىزىل لېنتا» قاتارلىق دىراما ـ ئوپېرالىرى، ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان نۇرغۇن دىرامما ئەسەرلىرىمۇ ئوينالدى. 

بۇ ئەسەرلەر شىنجاڭ ئوپېرا ــ تىياتىرى،  قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا ـ ئۇسسۇل،  تىياتىر ئۆمىكى،  ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستلىق دىرامما ئۆمىكى،  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تارىم ناخشا ـ ئۇسسۇل،  تىياتىر ئۆمىكى، قەشقەر شەھەرلىك ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكى، قۇمۇل شەھەرلىك ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكى، خوتەن ۋىلايەتلىك يېڭى قاشتېشى سەنئەت ئۆمىكى،  يەكەن ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى،  يوپۇرغا ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك ئۆمەكلەر تەرىپىدىن سەھنىلەشتۈرۈلۈپ كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بولۇپمۇ شىنجاڭ تىياتىرچىلىقىنىڭ بۆشۈكى بولغان شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ـ تىياتىرى ئورۇنلىغان دىراما ـ ئوپېرالار ئەڭ كۆپ بولۇپ،  مەيلى سان جەھەتتىن،  مەيلى سۈپەت جەھەتتىن بولمىسۇن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. ئۇنىڭدىن قالسا قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا ـ ئۇسسۇل،  تىياتىر ئۆمىكى،  ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستلىق دىرامما ئۆمىكى،  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تارىم ناخشا ـ ئۇسسۇل، تىياتىر ئۆمىكى ۋە قۇمۇل شەھەرلىك ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكى قاتارلىق ئۆمەكلەرمۇ نۇرغۇن ياخشى ئەسەرلەرنى روياپقا چىقاردى. ناھىيە دەرىجىلىك ئۆمەكلەردىن قەشقەر شەھەرلىك ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكى،  يەكەن ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى ۋە يوپۇرغا ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىدىن باشقا كۇچا ناھىيەلىك كۈسەن ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكى، غۇلجا ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى، ئۈچتۇرپان ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى،  مەكىت ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى قاتارلىق ئۆمەكلەرمۇ «قايچا قۇدا»، «بەڭۋاش قىز»، «سەلەي چاققان»، «پەرھاد ـ شېرىن»، «باھاردىكى جۇدۇن»، «پۇشايمان»،  «ۋىجدان ۋە قاپقان» قاتارلىق دىراممىلارنى سەھنىلەشتۈردى.

2000-يىللاردىن كېيىن شىنجاڭنىڭ تىياتىرچىلىق ئىشلىرى بىر مەزگىل پەسكويغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ،  لېكىن شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ـ تىياتىرى «ئانا ھەققىدە رىۋايەت»،  «مۇزتاغقا كەلگەن مېھمان»،  «ئالمىخان»،  «قالايمىقانچىلىق»،  «ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى يوق»،  «تورلاشقان مۇھەببەت» قاتارلىق دىرامما ۋە مۇزىكىلىق تىياتىرلارنى سەھنىلەشتۈرۈپ،  كۆرۈرمەنلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەنىۋىي تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ كەلدى.  2015-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭدىكى كەسپىي سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ تىياتىر ھەپتىلىكىدە شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ـ تىياتىرى «غۇنچەم»،  قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا ـ ئۇسسۇل، تىياتىر ئۆمىكى «پاكلانغان روھ»،  «مال بازىرى كوچىسىدىكى ئىشلار»،  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تارىم ناخشا ـ ئۇسسۇل،  تىياتىر ئۆمىكى «قىسمەت كۆۋرۈكىدە»، «ئويغىنىش»، ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستلىق دىراما ئۆمىكى «ئايخان ئانا»،  «بوۋاينىڭ كېيىنكى خوتۇنى»،  خوتەن ۋىلايەتلىك يېڭى قاشتېشى سەنئەت ئۆمىكى «توينى تويدەك ئوينايلى»، غۇلجا ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى «باھاردىكى جۇدۇن» قاتارلىق نادىر دىراممىلارنى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ،  شىنجاڭنىڭ تىياتىرچىلىق ئىشلىرىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتەردى.

تۆۋەندە «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ـ تىياتىرىنىڭ 1952-يىلدىن باشلاپ 2005-يىلغىچە ئوينىغان دىرامما ـ ئوپېرالارنىڭ تىزىملىكى جەدۋەل شەكلىدە يوللاندى ھەمدە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سۈرەتكە ئېلىپ تارقاتقان بىر قىسىم دىرامما ـ ئوپېرالارنى يىغىپ ساقلىغان قەشقەر شەھەرلىك 16-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇمىجىت مەمەتئېلى تەييارلىغان دىرامما ـ ئوپېرالارنىڭ تېلېۋىزور ئېكراندىن تارتىلغان سۈرىتىنى تەييارلىدۇق.


بېيجىڭ تىياتىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن ئوپېرا «قىزىل چىراق خاتىرىسى»

باش رولدا:  ھېيتەم ھۈسەيىن،  تۇنىسا سالاھىدىن،  ئايشەم كېرىم 

«قېرى ئاشىق ـ مەشۇقلار» 

ئاپتور: ئابلىز ئايۇپ، مۇھەممەت ساۋۇت سەيدىن

رېژىسسور: مەخمۇت ھامۇت

باش رولدا:  تۇرغۇن ئىمىر،  تىللاقىز مامۇت

خەنزۇچىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئوپېرا «ئانا ـ بالا» 

باش رولدا:  ھېيتەم ھۈسەيىن،  پاتىخە مالىك،  مەخمۇت ھامۇت،  زۇنۇنقىز ئېلاخۇن

ئىتالىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق كومېدىيەسى:  «ئىككى بايغا بىر مالاي» 

باش رولدا:  ماخمۇت ھامۇت،  پاتىخە مالىك

فىرانسىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق دىرامىسى «ئەجەل سىرتمىقى» 

باش رولدا:  تىللاقىز مامۇت،  ھەنىپە ئىسمايىل

«غۇنچەم» 

ئاپتور:  زۇنۇن قادىرىي

رېژىسسور:  نىجات ئەكبەر

باش رولدا:  گۈلباھار ھامۇت،  سەيدۇللام توختى

«غېرىپ ـ سەنەم» 

ئاپتور:  ئېلى ئېزىز

رېژىسسور: لى جۈنشىن

باش رولدا:  ھېيتەم ھۈسەن،  ماھىرە زاكىر

«چىن مۇدەن» 

ئاپتور:  شاھىدىن گۆھىرى،  تۇرسۇنجان لېتىپ

رېژىسسور:  ماخمۇت ھامۇت

باش رولدا: گۈلباھار ھامۇت،  ئەخمەت ئابلىمىت

«گۈلەمخان»

ئاپتور: جاپپار قاسىم 

رېژىسسور:  مۇختار ئابدۇراخمان

باش رولدا:  گۈزەلنۇر قۇربان،  خالمۇرات ئۆمەر 

«كۈتۈلمىگەن توي» 

ئاپتور:  تۇرسۇن يۇنۇس

رېژىسسور:  نىجات ئەكبەر

باش رولدا:  مەمتىمىن نورۇز،  رەيھان كېرىم،  سەيدۇللام توختى،  ھەنىپە ئىسمايىل،  سەربى نۇرھاجى،  نۇرۇم سابىرھاجى

«قېرى يىگىتنىڭ تويى»

ئاپتور:  تۇرسۇنجان لېتىپ

رېژىسسور:  ماخمۇت ھامۇت

باش رولدا:  نىجات نىياز،  گۈلجامال مەتنىياز،  تىللاقىز مامۇت، ئاپرېل سەمەت، ئابدۇكېرىم باقى

«مۇقام ئەجدادلىرى» 

ئاپتور:  تۇرسۇن يۇنۇس

رېژىسسور:  نىجات ئەكبەر،  ۋاڭ چىڭۋېن

باش رولدا:  گۈزەلنۇر قۇربان،  مۇھەممەت تۇراپ

«مەسلىھەت چېيى»

ئاپتور:  مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنائىي

رېژىسسور:  ئابلىز ئايۇپ،  يولۋاسخان ئىمىن

باش رولدا:  ئابلىكىم روزى،  تاجىگۈل روزى

«رابىيە ـ سەئىدىن» 

ئاپتور:  مۇھەممەتئېلى زۇنۇن

رېژىسسور:  ئابلىز ئايۇپ،  ئابدۇقادىر ھاجى

باش رولدا:  سالامەتقىز ھېكىم،  ئابلىكىم روزى

«ئەزىزە»

ئاپتور:  مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنائىي

رېژىسسور:  ئابلىز ئايۇپ

باش رولدا:  ئابلىكىم روزى،  سالامەتقىز ھېكىم 

«ئارزۇلۇق بالا» 

ئاپتور: ئابلىز ئايۇپ،  توختاجى

رېژىسسور:  ئابلىز ئايۇپ

باش رولدا:  ئەركىن مەتقاسىم،  ھۆرىگۈل تۇردى،  ئابدۇقادىر ھاجى

«پاكلانغان روھ»

ئاپتور:  تۇرسۇنجان سەمەت

باش رولدا:  قەدىر ئابدۇسوپۇر،  ئەركىن مەتقاسىم،  نۇرئەلى 

« ئويغىنىش »

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تارىم ناخشا ـ ئۇسسۇل،  تىياتىر ئۆمىكى ئورۇنلىغان

«گۈلنىسا» 

ئاپتور:  زۇنۇن قادىرىي

باش رولدا:  ئايەتخان،  ئايخان

«ھەسىنىكام ئاچچىق، ئامۇتى تاتلىقمۇ» 

ئاپتور:  مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنائىي

باش رولدا:  ئايخان،  سائادەت

«توينى تويدەك ئوينايلى»

ئاپتور:  ماھىرە ئابدۇغېنى

رېژىسسور:  نىجات نىياز خوجا

باش رولدا:  ئابلىمىت، ئادالەت 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى ئورۇنلىغان دىرامما

«سەھرالىق كۈيئوغۇل» 

ئاپتور:  ساھىت سادىق

يوپۇرغا ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى ئورۇنلىغان دىرامما


Comments

Popular posts from this blog

The Formation and Evolution of the National Army: A Detailed Historical Account

Meshrep: A Rich Cultural Tradition of the Uyghur People and Thirty Men Meshrep